رۇسىيە 24 سائەتتە 2 مىڭ 400 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

ئۇكرائىنا ئارمىيە باش ئىشتابى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 27 مىڭ 700 ئەسكەر، 200 ئايروپىلان، 165 تىك ئۇچار ۋە 1 مىڭ 228 تانكىسىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1827528
رۇسىيە 24 سائەتتە 2 مىڭ 400 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە باش ئىشتابى رۇسىيە ئارميەسىنىڭ تالاپەتلىرى توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 24-فېۋرالدىن (2022) 16-مايغىچە بولغان مەزگىلدە تارتقان تالاپەتلىرى توغرىسىدىكى باياناتتا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەتتە يېڭىدىن 2 مىڭ 300 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ جەمئىي 27 مىڭ 500 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى، بۇنىڭدىن باشقا، 200 ئايروپىلان، 165 تىك ئۇچار، 1 مىڭ 228 تانكا، 2 مىڭ 974 بىرونىۋىك، 577 زەمبىرەك، 195 راكېتا ئاتار، 89 ھاۋا قالقان مۇداپىئە سىستېمىسى، 2 مىڭ 101 ھەربىي ئاپتوموبىل، 13 دانە ھەر خىل يېنىك تىپتىكى پاراخوت ۋە 427 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ پاچاقلىنىپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەسكەرتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ 97 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ھاۋادا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 25-مارتتا (2022) بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنادا 1 مىڭ 351 ئەسكىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر