بلىنكېن بىلەن ستولتېنبېرگ رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1827103
بلىنكېن بىلەن ستولتېنبېرگ رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئانتونىي بلىنكېن بىلەن يېنس ستولتېنبېرگنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا تۈنۈگۈن باشلانغان ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ھەمدە 24 – فېۋرال رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىناغا ئاچقان «ۋەيران قىلغۇچ ئۇرۇش»نى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئۇكرائىنا خەلقى ۋە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئىككى ئەمەلدار، 28 – ئىيۇندىن 30 – ئىيۇنغىچە بولغان جەرياندا ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئېچىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر