بولىۋىيەدە ئۇنۋېرسىتېتتىكى قىستاڭچىلىقتا 4 كىشى قازا قىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى
جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان بولىۋىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا يۈز بەرگەن قىستى -قىستاڭچىلىقتا 4 كىشى قازا قىلىپ، كەم دېگەندە 70 كىشى يارىلاندى.
1824503
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بولىۋىيەنىڭ پوتوسى رايونىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغۇچىلار كېڭىشى سايلىمى ئۈچۈن يۈزلىگەن كىشى يېپىق چېنىقىش زالىغا توپلاندى.
تالاش - تارتىشلار باشلانغاندىن كېيىن ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە قىستى –قىستاڭچىلىق يۈز بەردى.
ۋەقەدە 4 كىشى قازا قىلىپ، 70 تىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.
ۋىلايەتلىك باش تەپتىش مەھكىمىسى يارىلانغانلاردىن 5 كىشىىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلىمىدە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بولىۋىيەدە ئۆتكەن يىلى مارتتىمۇ باشقا بىر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇغۇچىلار يىغىنىدا رىشاتكىلارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشىشى نەتىجىسىدە 12 كىشى قازا قىلغان ئىدى.