ماكرون فىرانسىيەدە پارلامېنتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ مۇددەتتىن ئىلگىرى سايلام ئۆتكۈزىدىغان بولدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىدا فىرانسىيەدە ئوڭچىلار يۇقىرى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەندىن كېيىن، پارلامېنتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ مۇددەتتىن ئىلگىرى ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش قارارىنى ئېلان قىلدى.

2150770
ماكرون فىرانسىيەدە پارلامېنتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ مۇددەتتىن ئىلگىرى سايلام ئۆتكۈزىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىدا، رادىكال ئوڭچى مىللىي راللى پارتىيەسى %31.50 ئاۋازغا ئېرىشىپ زور پەرق بىلەن بىرىنچىلىكنى ئىگىلىدى.

پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكروننىڭ گۈللىنىش پارتىيەسى %15.2 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئىككىنچى بولدى.

ئېممانۇئېل ماكرون سايلام نەتىجىسى ۋە رادىكال ئوڭچىلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئاۋاز نىسبىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ياۋروپانى قوللايدىغان پارتىيەلەر ئۈچۈن ياخشى بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئېممانۇئېل ماكرون: «ئەمدىلىكتە مەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھەرىكەت قىلالمايمەن» دېدى ۋە 30-ئىيۇندىن 7-ئىيۇلغىچە مۇددەتتتىن بۇرۇن ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر