ئۇكرائىنادا بىر تىرانسىپورت ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

ئۇكرائىنادا «AN-26» تىپلىق تىرانسىپورت ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى. ۋەقەدە بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، ئىككى كىشى يارىلاندى.

1816542
ئۇكرائىنادا بىر تىرانسىپورت ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ زاپورىژۋا رايونلۇق مەمۇرىي ئىشلار ئىدارىسى «AN-26» تىپلىق تىرانسىپورت ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئايروپىلاننىڭ ئۇكرائىنا ئايروپىلانى ئىكەنلىكى ۋە دەسلەپكى ئېنىقلاشلاردا، ۋەقەدە بىر كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، ئىككى كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ قانچە كىشى ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، جەزملەشمىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئايروپىلاننىڭ بىر ئېلېكتىر تۈۋرۈكىگە سوقۇلۇشى نەتىجىسىدە موتورغا ئوت كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر