ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنادىكى پۇقرالار نىشان قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى پۇقرالارنى نىشان قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

1814159
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنادىكى پۇقرالار نىشان قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنا، ئاخىرقى ھەپتىلەردە رۇسىيەنىڭ ئەڭ قويۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ پۇقرالار، پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى قانۇنسىز شەكىلدە بومباردىمان قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىمەكتە. ئەڭ ئېغىر شەكىلدىكى ھۇجۇملار بولۇپمۇ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدا داۋاملىشىۋاتىدۇ. لۇھانس ۋە خاركىۋ قاتارلىق رايونلاردا پۇقرالار ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ، پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەر ۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئۇكرائىنادا سادىر قىلىنىۋاتقان <ئۇرۇش جىنايەتلىرى> جازاسىز قالماسلىقى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا خەلقىنى داۋاملىق قوللايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر