ھىندىستان ئېمبارگولارغا پەرۋا قىلماستىن رۇسىيەنىڭ ئەرزان باھالىق كۆمۈرىگە يۈزلەندى

ھىندىستان ئېلېكتر ئىستانسىلىرىدىكى يېقىلغۇ زاپىسىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ ئەرزان باھالىق كۆمۈرىگە يۈزلەندى.

1814424
ھىندىستان ئېمبارگولارغا پەرۋا قىلماستىن رۇسىيەنىڭ ئەرزان باھالىق كۆمۈرىگە يۈزلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «S&P» يەرشارى ژورنىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان بۇ ئاي رۇسىيەدىن توننىسىنى 160-165 دوللارلىق ئەرزان باھالىق كۆمۈر سېتىۋالغان.

رۇسىيە ھىندىستانغا تەكلىپ سۇنۇپ، نېۋكاستىلدا ئىشلەپچىقىرىلغان كۆمۈرگە سېلىشتۇرغاندا، توننا بېشى 60-65 دوللار ئەتراپىدا ئەرزان باھادا تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بازار مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان كۆرسەتكۈچلەرگە ئاساسلانغاندا، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا رۇسىيە كۆمۈرىنىڭ باھاسى ئاۋىستىرالىيە كۆمۈرىدىن 10 دوللار ئەرزان بولغان.

24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا باشلىغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن نۇرغۇن دۆلەتلەر رۇسىيەنىڭ كۆمۈرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ كۆمۈر باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ تەكلىپ سۇنىشى، ھىندىستان سودىگەرلىرىنىڭ ئەرزان باھالىق رۇسىيە كۆمۈرىگە يۈزلىنىشىنى كۈچەيتكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيە بۇ ئاي رۇسىيەنىڭ كۆمۈرنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا باھاسى ئەرزان بولغانلىقى سەۋەبىدىن ھىندىستانلىق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ يېڭى مەزگىلدە رۇسىيە كۆمۈرىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر