ئۇكرائىنادا جېنىدىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ سانى ئاشماقتا

ئۇكرائىنادا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 205 كىچىك بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1813783
ئۇكرائىنادا جېنىدىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئۇكرائىنا باش تەپتىش مەھكىمىسى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىدا جېنىدىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ سانى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى باشلانغان 24-فېۋرالدىن (2022) بۈگۈنەىچە 205 كىچىك بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 362 كىچىك بالىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن (17-ئاپرېل) ئەتىگەن لۋىۋ شەھىرىگە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا بولسا، ئالتە كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، سەككىز كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

لۋىۋ ۋالىيسى ماكسىم كوزىجكى تېلېگرامدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئۈچ باشقۇرۇلدىغان بومبا ھەربىي بازىلارغا، بىر دانىسى چارق زاۋۇتىغا چۈشتى. ھۇجۇم سەۋەبىدىن ئوت كەتتى. ئوت ئۆچۈرۈش ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەن جايلار ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، بىر كىچىك بالا يارىلاندى» دېدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مىخائىل پودولياك تۋىتتېردا، «لۋىۋ ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە بىرلا ۋاقىتتا بەش باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەنلىكى» نى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر