ئامېرىكا بىلەن گوللاندىيە رۇسىيەگە قارشى ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى قارار قىلدى

ئانتونى بلىنكېن ۋاشىنگتوندا گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خوكسترانى كۈتۈۋالدى.

1812914
ئامېرىكا بىلەن گوللاندىيە رۇسىيەگە قارشى ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن گوللاندىيەلىك مەنسەپدىشى ۋوپكې خوكسترا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئاچقان ئۇرۇشىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىسىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو دائىرىسىدە موسكۋاغا قارشى داۋاملىق ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بلىنكېن بىلەن خوكسترانىڭ «رۇسىيەنىڭ بۇچا ۋە ئۇكرائىنانىڭ باشقا جايلىرىدا سادىر قىلغان ۋەھشىيلىكىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى» ۋە «بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا بىلەن ناتونىڭ موسكۋاغا قارشى ناتو بايرىقى ئاستىدا ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئىككى مىنىستىرنىڭ يەنە، ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان يېڭى مۇداپىئە ياردىمى توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

4- ئاينىڭ 1- كۈنى پايتەخت كىيېۋغا يېقىن بۇچا شەھىرىنى رۇسىيە ئارمىيەسىدىن ئازاد قىلغان ئۇكرائىنا ئارمىيەسى جەسەتلەرگە تولغان بىر خارابە شەھەرگە قەدەم قويغانىدى. كېيىۋ ئەتراپىدىكى ئازاد قىلىنغان ئولتۇراق رايونلاردىن 410 پۇقرانىڭ جەسىتى تېپىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر