نىكول پاشىنيان: تۈركىيە بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەردە توختاپ قېلىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان تۈركىيە بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەردە توختاپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1811772
نىكول پاشىنيان: تۈركىيە بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەردە توختاپ قېلىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاشىنيان ئەرمېنىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە بىلەن ئەرمىنىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ نورماللىشىش جەريانى ئۈستىدە توختالدى.

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان «تۈركىيە بىلەن مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە دىيالوگ ئورنىتىش كېرەك» دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نىكول پاشىنيان: «تۈركىيە بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەردە توختاپ قېلىشتىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان پۈتۈن تىرىشچانلىقلىرىمىزنى كۆرسىتىشىمىز لازىم. بىز بۇ جەرياننىڭ نەتىجىسىنىڭ ئۇنچە تېز بولماسلىقى مۇمكىنلىكىنى چۈشىنىمىز ۋە بۇنى خەلقئارالىق شېرىكلىرىمىزگىمۇ دەيمىز. ئەمما تېز نەتىجە بولمىسا، توختاپ قېلىش خەۋپى بولىدۇ. بۇ خىل توختاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىچىك-كىچىك قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ خەلقئارالىق شېرىكلىرىمىز تۈركىيە-ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىنى تولۇق قوللايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر