ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنى مۇزاكىرىلىشىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل رۇسىيەگە قارىتىلغان يېڭى ئېمبارگولارنىڭ مۇزاكىرە ئۈستەلىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1810532
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنى مۇزاكىرىلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوررېل لىيۇكسېمبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

بوررېل 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان رۇسىيەگە نېفىت ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈلىدىغان ياكى يۈرگۈزۈلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا  جاۋاب بېرىپ،  ئېمبارگولارنىڭ ھەمىشە مۇزاكىرە ئۈستىلىدە ئىكەنلىكىنى ۋە  مىنىستىرلارنىڭ  بۇ قېتىم تاشلايدىغان  يېڭى قەدەملىرىنى مۇزاكىرە قىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بوررېل ئۇكرائىنا زىيارىتى نەتىجىسىدە رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ دونباسقا يۈزلەنگەنلىكىنى  كۆزەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر