يەمەن ئارمىيەسى: ھۇسىيلار ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى
يەمەن ئارمىيەسى ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بىر كۈندە 108 قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1809733
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئارمىيەسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى مەركىزىنىڭ يازما باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ھۇسىيلار، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىپ 6 – كۈنىگە قەدەم قويغاندا، تائىز، ھاججە، ھۇدەيدە، مەغرىب، جەۋف ۋە دالى ئالدىنقى سەپلىرىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان. جۈملىدىن، مەزكۇر ناھىيەلەردە، 8 – ئاپرېل كۈنى، يەمەن ئارمىيەسىگە ئائىت نۇقتىلارغا قۇرۇقلۇقتىن ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلار ياكى توپلار بىلەن ھۇجۇم قىلىش، خەندەك قېزىش، ئالدىنقى سەپلەرگە ئادەم ۋە قورال – ياراغ يۆتكەش تەرىقىسىدە ئۇدا 108 قېتىم كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغان.