پېلوسى خانىمنىڭ ئاسىيا زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسي پېلوسى خانىمنىڭ ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى.

1809391
پېلوسى خانىمنىڭ ئاسىيا زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە 24-فېۋرال (2022) ئۇكرائىناغا باشلىغان ئۇرۇشقا قارشى بېسىلىدىغان ئورتاق قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن، مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى ياپونىيەنى زىيارەت قىلماقچى بولغان پېلوسى خانىمنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى.

نەنسي پېلوسى خانىم ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ تەيۋەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان زىيارەت پىروگراممىسى كېچىكتۈرۈلدى.

نەنسي پېلوسى خانىمنىڭ باياناتچىسى درۇ خاممىل (Drew Hammill) پېلوسىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەنلىكىنى، ئۇ ئۈچ شىشە ۋكسىنا ئەملەتكۈزگەن بولسىمۇ، زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

نەنسي پېلوسى خانىم ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى ياپونىيە ۋە تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن نەنسي پېلوسى خانىمنىڭ زىيارىتىنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسىغا ئېغىر زىيانلارنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ زىيارەت پىلانىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر