موسكۋا رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بايانات بەردى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئۇكرائىنادىكى بىر قوماندانلىق مەركىزى بىلەن بىر يېقىلغۇ ئىسكىلاتىنىڭ يۇقىرى سەزگۈرلۈككە ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1807914
موسكۋا رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوف، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى؛ ئۇ، رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلەرگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «زولوچىۋ ۋە چۇخۇيۋ ئاھالىلەر رايونلىرىدىكى يەرلىك مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى، يېقىلغۇ ئىسكىلاتى ۋە بىرونېۋىكلار رېمونت قىلىنىدىغان زاۋۇت يۇقىرى سەزگۈرلۈككە ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن بىتچىت قىلىندى» دېدى.

ئۇكرائىنادا تۈنۈگۈن كۈندۈزى ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئايروپىلان ھۇجۇملىرىدا 33 ھەربىي ئۇل ئەسلىھەنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىىنى بىلدۈرگەن كوناشېنكوف، بۈگۈنگىچە بولغان جەرياندا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە تەۋە 125 ئايروپىلان ۋە 93 تىك ئۇچاردىن باشقا، 403 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، 1981 تانكا ۋە برونېۋىك ئاپتوموبىل، 854 زەمبىرەك ۋە مىنامىيوت ۋە 1876 ئالاھىدە ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كوناشېنكوف ئۇكرائىنانىڭ مارىيپول شەھىرىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئۇكرائىنادا ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 620،000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ خەتەرلىك رايونلاردىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر