ئۇكرائىنا رۇس ئارمىيەسىنىڭ تالاپەتلىرىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 17 مىڭ 500 ئەسكىرى، 135 ئايروپىلانى، 131 تىك ئۇچارى ۋە 614 تانكىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1804832
ئۇكرائىنا رۇس ئارمىيەسىنىڭ تالاپەتلىرىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 24-فېۋرالدىن 31-مارتقىچە بولغان ئارىلىقتىكى تالاپىتىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ئورتاقلاشتى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 17 مىڭ 500 ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن، 135 ئايروپىلانى، 131 تىك ئۇچارى، 614 تانكىسى، 1735 برونېۋىك ئاپتوموبىلى، 311 زەمبىرەكى، 96 راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى، 54 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، 1201 ھەربىي ئاپتوموبىل، 7 پاراخوت ۋە يېنىك تىپلىق تېز سۈرئەتلىك كېمە، 75 يېقىلغۇ تولۇقلاش ماشىنىسى ۋە 83 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدىن ئايرىلىپ قالغان.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر