زېلېنىسكى ئىستانبۇلدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ ئىجابىي ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى 24 – فېۋرال كۈنى دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغان رۇسىيە ھەيئىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ ئىجابىي ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1804263
زېلېنىسكى ئىستانبۇلدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ ئىجابىي ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنىسكى، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى 34 – كۈنىگە قەدەم قويغاندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنا – رۇسىيە ھەيئەتلىرىنىڭ، ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىنىڭ خىزمەت ئىشخانىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئىجابىي ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مۇزاكىرە مۇنبىرىدىن ئىگىلىگەن سىگناللارنى ئىجابىي دەپ قاراشقا بولىدۇ، لېكىن بۇ سىگناللار رۇسىيەنىڭ قورال – ياراغلىرىنى جىمىقتۇرالمايۋاتىدۇ. ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە مۇزاكىرىلەرگە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى، بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ بىردىنبىر كاپالىتىدۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، دۆلىتىمىزنى ۋەيران قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىشنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوقتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر