رۇسىيە: ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى بەلگىلەنگەن نىشانغا يەتكۈچە داۋاملاشتۇرىمىز

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى «ھەربىي ھەرىكىتى»نى بەلگىلەنگەن نىشانغا يەتكۈچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1803873
رۇسىيە: ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى بەلگىلەنگەن نىشانغا يەتكۈچە داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شويگۇ مىنىستىرلىقنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ھەققىدە ئۇچۇر بەردى؛ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى «ھەربىي ھەرىكەت»نىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى ئومۇمەن تاماملىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شويگۇ، ئۇكرائىنا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كۈچىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ ئەھۋال دىققەتنى ئاساسلىق نىشان بولغان دونباسنى ئازاد قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىشى مۇمكىن» دېدى.

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادا ھاۋا كۈچى جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئېرىشكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان شويگۇ، ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇكرائىنانىڭ 152 ئايروپىلانىنىڭ 123 ى، 149 تىك ئۇچارىنىڭ 77 سى ۋە 180 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ 152 سى يوقىتىپ تاشلاندى، دېدى.

ئۇ، ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن زەربە بېرىش قىسىملىرىنىڭ بارلىق قاتلاملىرىدا زور تالاپەتلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى بېكىتىلگەن نىشانغا يەتمىگۈچە «ھەربىي ھەرىكىتى» نى توختاتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن شويگۇ، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ لۇخانسك ۋە دونېتسىك خەلقىگە ئاكتىپ ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو رەھبەرلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ئايروپىلان ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى يۆتكەش توغرىسىدىكى باياناتلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن شويگۇ: «ئەگەر بۇ پىلانلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، مۇۋاپىق شەكىلدە جاۋاب بېرىلىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر