رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا تارتقان زىيانلىرى

رۇسىيە قىسىملىرى ئۇكرائىناغا ئۇرۇش باشلىغاندىن بۇيان 17200 ئەسكەر، 127 ئايروپىلان، 129 تىك ئۇچار ۋە 597 تانكىسىدىن ئايرىلىپ قالدى

1803519
رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا تارتقان زىيانلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە باش ئىشتابى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 24-فېۋرالدىن 29-مارتقىچە تارتقان زىيانلىرى ھەققىدە سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغاندىن بۇيان 17200 ئەسكىرى قازا قىلغان، 127 ئايروپىلان، 129 تىك ئۇچار، 597 تانكا، 1710 برونېۋىك، 303 زەمبىرەك، 96 راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى ۋە 54 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى پاچاقلاپ تاشلانغان.

رۇسىيە قىسىملىرى يەنە، 1178 ئاپتوموبىل، 7 پاراخوت ۋە تېز سۈرئەتلىك كېمە، 73 يېقىلغۇ توشۇغۇچى ئاپتوموبىل ۋە 71 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىدىن ئايرىلىپ قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر