ياپونىيەدە 5.1 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى
ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا 5.1 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى مەيدانغا كەلدى.
1801776
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فۇكۇشىما دېڭىز ھاھىللىرىدا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12:08 دە، 50 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 5.1 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن.
يەر تەۋرەشتىن كېيىن، دېڭىز تاشقىنى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمىگەن.
فۇكۇشىما ئۆلكىسى دېڭىز ساھىللىرىدا 16-مارت كۈنى مەيدانغا كەلگەن 7.4 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەشتە 3 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 200 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغانىدى.