ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قىبرىس تۈركلىرى بىلەن ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ 48 – نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ باياننامىسىدە، قىبرىس تۈركلىرى بىلەن ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

1800984
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قىبرىس تۈركلىرى بىلەن ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئاباد شەھىرىدە 22 – 23 – مارت كۈنلىرى چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ 48 – نۆۋەتلىك يىغىنىدا، «ئىسلامئاباد باياننامىسى» بىردەك ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

باياننامىدە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەنپەپەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە قوغداش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەلەستىن ۋە قۇددۇس مەسىلىسىنىڭ مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى قايتا تەكىتلەندى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە 1967 – يىلقى چېگرا لىنىيەلىرىگە ئاساسەن پايتەختى قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش پىلانىنى قوللايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

جاممۇ كەشمىر خەلقى بىلەن بولغان تەۋرەنمەس ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقى قايتا تەكىتلەنگەن باياننامىدە، ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىردىكى قانۇنسىز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئەيىبلەندى.

باياننامىدە يەنە، ئافغانىستان، سومالى، سۇدان، پىل چىشى قىرغىقى، كومورو ئەللىرى ئىتتىپاقى، جىبۇتى، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، جاممۇ كەشمىر ۋە قىبرىس تۈركلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا، بۇ خەلقلەرنىڭ تىنچ، بىخەتەر ۋە پاراۋانلىق ئىچىدە ياشاش ئارزۇسىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر