ئامېرىكا ئەردوغان - ھېرزوگ ئۇچرىشىشىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس-گىرىنفىلىد، تۈركىيە - ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا توختالدى.

1800223
ئامېرىكا ئەردوغان - ھېرزوگ ئۇچرىشىشىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس-گىرىنفىلىد، دۆلىتىنىڭ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساك ھېرزوگنىڭ ئۇچرىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

توماس-گىرىنفېلد ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كېڭەيتىش ۋە نورماللاشتۇرۇشىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان بىلەن ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزورگنىڭ ئەنقەرەدە ئۆتكۈزگەن ئۇچرىششىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېگەن توماس-گىرىنفىلىد، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ زىيارەتلەر ياخشى نىيەتنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇلۇشى ھەمدە (رايوندا) بىخەتەرلىك ۋە گۈللىنىشنى بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساك ھېرزوگ 9-مارت پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر