نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

نىگېرىيەنىڭ كادۇنا ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 34 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1800466
نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كادۇنا ئىشتاتى ئىچكى خەۋپسىزلىك ۋە ئىچكى ئىشلار كومىسسارى سامۇئېل ئارۇۋان يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 20-مارتتا قوراللىق كىشىلەرنىڭ كاۋرا رايونىدا قانلىق ۋەقە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھۇجۇمدىن كېيىن خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ناھايىتى ئەپسۇسكى ھازىرغىچە 34 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئەسكەرنىڭ جەسىتى بار» دېدى.

ئۇ ھۇجۇمدا، 200 ئۆي، 32 دۇكان، ئۈچ ئاپتوموبىل ۋە 17 موتوسىكلىتقا ئوت قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

كادۇنا ئىشتاتىدا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن جېما ۋە كاۋرا رايونلىرىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان ئىدى.

مەزكۇر رايونلار پات-پات دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قەبىلىلەر ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا سەھنە بولۇپ كەلمەكتە.

كادۇنا ئىشتاتىدا 17-مارت قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن بولۇپ، ھۇجۇمدا ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 46 كىشى ئېلىپ قېچىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر