ۋاشىنگتون ئۇكرائىنادا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئامېرىكا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە جايلاشقان بۆلگۈنچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى دونېتسىك رايونىدا 3 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.
1798275
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى جالىنا پورتېر كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «دونباستا 3 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا كەڭ خەۋەرلەر تارقالدى؛ بۇ ئېنىقلا يالغان ۋە غەرەزلىك توقۇپ چىقىلغان (خەۋەر)» دېدى.
پورتېر، ئۇكرائىنادا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلىپ: «بۇ يالغان خەۋەردە ئىشلىتىلگىنى 2018- يىلىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بولۇپ، رەسىمدىكى ئەسكەرلەر 2019- يىلى ئۆيلىرىگە بىخەتەر قايتىپ كەلگەن. ئۇلار بىخەتەر، خەۋەردە، خاتا شەكىلدە ئىلگىرى سۈرۈلگىنىدەك دونېتسىكتا ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكا ياللانما ئەسكەرلىرى ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.