ئىراقتا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئىراقنىڭ سالاھىدىن ۋىلايىتىدە ئامېرىكالىق ۋە باشقا چەت ئەللىك توختاملىق ھەربىي خادىملار تۇرۇۋاتقان «‹بەلەد› ھەربىي بازىسى» نىڭ ئەتراپى 4 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

1797962
ئىراقتا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بىخەتەرلىك ئاخبارات تورى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ سالاھىدىن ۋىلايىتىدە ئامېرىكالىق ۋە باشقا چەت ئەللىك توختاملىق ھەربىي خادىملار تۇرۇۋاتقان  ۋە ئىراقنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئايروپىلانلىرى تۇرۇشلۇق ‹بەلەد ھەربىي بازىسى› نىڭ ئەتراپى 4 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش، ھەمدە ماددىي زىيان كۆرۈلمىدى.»

باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ كىمگە ئائىت ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

«‹بەلەد› ھەربىي بازىسى»  ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملارغا ئۇچرىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر