ئامېرىكا خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا دائىر ئەندىشىلەرنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى، خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىگە ئالاقىدار ئەندىشىلەرنىڭ «كۈچلۈك» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1797697
ئامېرىكا خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا دائىر ئەندىشىلەرنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېن پساكى كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تېلېفوندا سۆزلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بۇ ئۇچرىشىش بايدىننىڭ شىنىڭ پوزىتسىيەسىنى بىلىشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت. خىتاينىڭ باياناتلىرىدا ئېنىق پوزىتسىيە ياكى رۇسىيەنى ئېنىق شەكىلدە ئەيىبلەش يوق» دېدى.

خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىغا ياردەم بېرىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن پساكى: «بۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتى بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جېن پساكى، موسكۋانىڭ بايدىننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا «ئۇرۇش جىنايەتچىسى» دەپ ئېنىقلىما بېرىشىنى «كەچۈرگۈسىز ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش» دەپ سۈپەتلىگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ: «كەچۈرگىلى بولمايدىغان ئىش رۇسىيەنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا سادىر قىلغانلىرىدۇر» دېدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24 - فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر