ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە تۆت ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى توھوكۇ رايونىدا تۈنۈگۈن (2022-يىلى 16-مارت) يۈز بەرگەن 7.4 بال يەر تەۋرەشتە تۆت ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1797134
ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە تۆت ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان مىياگى ۋە فۇكۇشىما ئىشتاتىنىڭ دېڭىز تەەلىكىدە شۇ يەر ۋاقتى 23:36 ئۆتكەندە 60 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 7.4 بال يەر تەۋرىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ياپونىيە مېتېرولوگىيە ئاگېنتلىقى «دېڭىز تاشقىنى» دىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئارىدىن 1.5 سائەت ئۆتكەندە، ئېگىزلىكى بىر مېتىر كېلىدىغان دولقۇنلار قىرغاققا يېتىپ كەلدى.

ياپونىيە مېتېرولوگىيە ئاگېنتلىقى دەسلەپتە 7.3 بال دەپ ئېلان قىلغان يەر تەۋرەشنىڭ چوڭلۇقىنى 7.4 بالغا ئۆزگەرتتى.

ياپونىيە باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسىدە جىددىي ئەھۋال مەركىزى قۇرۇلدى.

ئوت ۋە تەبىئىي ئاپەت باشقۇرۇش ئاگېنتلىقى يەر تەۋرەش نەتىجىسىدە شەرقىي ۋە شەرقىي شىمال رايونىدىكى ئىشتاتلاردا تۆت ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 198 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

توققۇز ئىشتاتتا 2.2 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىدە ۋاقىتلىق توك توختاش يۈز بەردى.

ياپونىيە يادرو ئېنېرگىيەسى ئىدارىسى  فۇكۇشىما دائىچى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا مەسىلە كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر