جاۋ لىچېن: ئامېرىكا خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزسە، كۈچلۈك قارشى تەدبىرلەرنى ئىشلىتىمىز

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىچېن ئامېرىكانىڭ رۇسىيە ئارقىلىق خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرىسىدا تەھدىت سالغانلىقىنى، شۇنداق بولغان تەقدىردە، «كۈچلۈك قارشى تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى» ئېيتتى.

1796960
جاۋ لىچېن: ئامېرىكا خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزسە، كۈچلۈك قارشى تەدبىرلەرنى ئىشلىتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكىنىڭ «ئەگەر رۇسىيەنىڭ ئىشغالىيىتىنى قوللىغان تەقدىردە، خىتاي ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ. خىتاي بىلەن رۇسىيە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاران 15%- 20% نى تەشكىل قىلىدۇ، G7 دۆلەتلىرى بولسا، %50 نى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قولىدا نۇرغۇن ۋاستىلار بار» دېگەن ئىدى.

جاۋ ئامېرىكانىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى نۆل يىغىندىلىق ئويۇنىنى ۋە لاگېرلار ئارا قارشىلىشىش لوگىكىسىنى شۇنداقلا ئىشلارنى كۈچ بىلەن ھەل قىلىش چۈشەنچىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر تەرەپتىن ئېمبارگو كالتىكىنى پۇلاڭلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلىش ھېچبىر ئىشقا يارىمايدۇ. بىز ئامېرىكانى خىتاينىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە تەلەپلىرىگە زىيان يەتكۈزمەسلىككە چاقىرىمىز. ئەگەر ئامېرىكا بۇنىڭدا چىڭ تۇرىدىغان بولسا، خىتاي چوقۇم كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىشقا سالىدۇ» دېدى.

خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ھەققىدە دىيالوگ ۋە مۇزاكىرە چاقىرىقىدا بولغانلىقىنى، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە تىرىشقانلىقىنى ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆز تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جاۋ: «خىتاينىڭ تىرىشچانلىقىنى تۆۋەن كۆرىدىغان، نىيىتىنى خاتا كۆرسىتىدىغان ۋە خىتايغا تۆھمەت قىلىشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق تەتۇر تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە ئەخلاقسىزلىقتۇر» دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 14-مارت ئىسپانىيەلىك مەنسەپدىشى جوسې مانۇئېل ئالبارىس بۇئېنو بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا كرىزىسىغا تەرەپ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ سەلەبىي تەسىرىگە ئۇچرىغۇسى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر