نىگېرىيەدە ئەسكەرلەر بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
نىگېرىيەنىڭ ئېدو ئۆلكىسىدە ئەسكەرلەر بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1795947
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېدو ئۆلكىسىنىڭ ئوباياتور رايونىدا، ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى، ئەسكەرلەرنىڭ مۇداخىلە قىلىشىدىن كېيىن، پۇقرالار بىلەن ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارغا ئايلىنىپ كەتكەن، توقۇنۇشلاردا بىر ئەسكەر بىلەن 6 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان.
ئېدو ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر ئىشلىرى مەسئۇلى بېللو كونتوڭسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسكەرلەر ۋەقەنى كونترول ئاستىغا ئالغان.