بارزانى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى

شىمالىي ئىراق كۈرت (كورد) رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى بارزانى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1794915
بارزانى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى بارزانى تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، بلىنكېن بىلەن تۈنۈگۈن (13-مارت) ئەربىلگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئەربىلگە قىلىنغان ھۇجۇملاردا، يېقىنقى يىللاردا بىر قانچە قېتىم تەكرارلانغان ئويدۇرما گەپ-سۆزلەرگە قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدىم. ئامېرىكالىق شېرىكلىرىمىزنى كۈردىستان رايونىنى قوللاش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىردىم» دېدى.

ئەربىلگە قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا، بىر سودا-سانائەتچىنىڭ ئۆيى ۋە «K24 TV» قانىلى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسمى ئەربىلگە ئىراق سىرتىدىن 12 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 01:00 دە يۈز بەرگەنلىكى ۋە 12 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئەربىلدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى يولى ئۈستىدىكى بىر مەھەللىگە چۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسى ئەربىلگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ ئاۋاز چىقارماسلىقىنىڭ بۇ ھۇجۇملارنىڭ يولىنى ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر