جونسون ئۇكرائىنانى تېخىمۇ كۆپ مۇداپىئە قوراللىرى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا ۋەدە بەردى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ئۇكرائىنانى تېخىمۇ كۆپ مۇداپىئە قوراللىرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

1790857
جونسون ئۇكرائىنانى تېخىمۇ كۆپ مۇداپىئە قوراللىرى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا ۋەدە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىك 10-نومۇرلۇق ئىشخانىسى بورىس جونسوننىڭ ئۇكرائىنانى تېخىمۇ كۆپ مۇداپىئە قوراللىرى بىلەن تەمىنلەش ۋەدىسىنى بەرگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، باش ۋەزىر بورىس جونسوننىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىنگلىز خەلقىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇكرائىنا خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، باش ۋەزىر بورىس جونسوننىڭ زېلېنسكىي ۋە پۈتكۈل ئۇكرائىناغا بولغان قوللىشى ھەمدە ھەيرانلىقىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«رەھبەرلەر رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرال باشلىغان ياۋايىلارچە ھۇجۇمىنىڭ ئۇكرائىنا پۇقرالىرىغا قارىتا بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تەھدىتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. باش ۋەزىر بورىس جونسون ئەنگلىيەنىڭ پۇتىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىرادىسىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىنانى قوللاش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى. ئىككى رەھبەر بورىس جونسوننىڭ ئالتە ماددىلىق خەلقئارالىق ھەرىكەت پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى. رەھبەرلەر ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ مۇھىم ئېھتىياجلىرىنى كۈنتەرتىپكە قويدى. بورىس جونسون تېخىمۇ كۆپ مۇداپىئە قوراللىرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىرلكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.»

باياناتتا يەنە، بورىس جونسون بىلەن زېلېنسكىينىڭ رۇسىيەنىڭ قالايمىقان ھۇجۇملىرى ۋە ئۇرۇش توختىتىشقا قىلىۋاتقان خىلاپلىقلىرى ۋە بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان ئىنسانىي ۋەزىيەتنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر