رۇسىيە لاۋروۋ - كۇلىبانىڭ تۈركىيەدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى گېننادى گاتىلوف، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تۈركىيەدە ئۇچرىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1790230
رۇسىيە لاۋروۋ - كۇلىبانىڭ تۈركىيەدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، تۈنۈگۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك پەۋقۇلئاددە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا تەرىپىنى ھېچ بولمىغاندىمۇ مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىدە بىر يەرگە جەم قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

گاتىلوف جەنۋەدە بايانات بېرىپ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبانىڭ ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىدە كۆرۈشۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «(ئىككى مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشى) ياخشى ئىش، ھەر قانداق سۆھبەت ۋە يىغىن ياخشى ئىش» دېدى.

گاتىلوف رۇسىيەنىڭ ھەر قانداق دىپلوماتىك تەشەببۇسنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئەگەر (لاۋروۋ- كۇلېبا ئۇچرىشىشى) ئىشقا ئاشسا ياخشى بولىدۇ» دېدى ۋە تۈركىيە ھاۋا ساھەسىنىڭ ئوچۇق قالدۇرۇلۇشى ھەققىدە توختىلىپ: «مېنىڭچە بۇ بىر ياخشى پوزىتسىيە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى 11- مارتتىن 13- مارتقىچە ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر