ئامېرىكا: ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون ئېلان قىلىش رۇسىيە بىلەن بىۋاسىتە ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

ئامېرىكا، رۇسىيە بىلەن ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغاچقا، ئۇكرائىنا ھاۋا تەۋەلىكىنى «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» دەپ ئېلان قىلىش قەدىمىنى باسمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1789670
ئامېرىكا: ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون ئېلان قىلىش رۇسىيە بىلەن بىۋاسىتە ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ ئۇكرائىنا ھاۋا تەۋەلىكىنى «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» دەپ ئېلان قىلىش چاقىرىقىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، بۇنىڭ رۇسىيە بىلەن بىۋاسىتە ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، شۇڭا ۋاشىنگتوننىڭ بۇنداق قىلىشنى پىلانلىمىغانلىقىنى ئېيتتى.

جېن پساكى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «ئۇكرائىنا ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون دەپ ئېلان قىلىنىشى، بۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ تاشلىشىغا توغرا كېلىدۇ، بۇ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىز بۇنىڭدىن ساقلىنىشنى خالايمىز» دېدى.

ئۇ، 24- فېۋرال ئۇكرائىناغا ئۇرۇش ئاچقان رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن چىقىرىۋېتىلىشى ھەققىدىكى چاقىرىقلار ھەققىدە توختىلىپ: «بىز ھازىرچە بۇنداق بولىدۇ، دەپ قارىمايمىز» دېدى.

ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئىقتىسادىي جازالارنىڭ بىر قىسمى  سۈپىتىدە رۇس نېفىتىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى چاقىرىقلارغا جاۋاب قايتۇرغان پساكى، بۇنىڭ ئامېرىكادىكى گاز باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز رۇسىيەگە ئىقتىسادىي بېسىم ئىشلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنىمۇ خالىمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر