ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىريۇسسېلدا توپلاندى

ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو مەركىزىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

1789955
ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىريۇسسېلدا توپلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتونىڭ بۈگۈنكى (4-مارت) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھۇجۇمىدىن كېيىن، ناتونىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا ياۋروپادىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

 ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىتتىپاقنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھۇجۇمىدىن كېيىن تېز سۈرئەتتە بىرلىكتە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ناتونىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پىلان تۈزگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ناتو مۇداپىئە مەقسەتلىك ئىتتىپاق. بىز ئۇرۇشنى خالىمايمىز، ئەمما ئۇرۇش بىزگە كەلسە ئۇنىڭغىمۇ تەييارمىز. ناتو زېمىنلىرىنىڭ ھەر بىر غىرىچ يېرىنى قوغدايمىز» دېدى.

ئۇ ناتونىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تەييارلىق قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيانقى ۋەقەلەرنىڭ ئىتتىپاقنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە بېشارەتلەرنى بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ كېيىنكى ھەپتىلەردە ناتونىڭ بىرلىكتە بولۇشنى داۋاملىق نامايان قىىلدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ يىغىندا، «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئىشغالىغا كۆرسىتىلىۋاتقان قارشىلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقلىرىنى» بىلدۈردى.

ئۇ ئۇرۇش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىشلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتە ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان تەسىرلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، تۈنۈگۈن (3-مارت) رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «بۇ ئەھۋال ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ۋە رۇسىيەنىڭ بارلىق ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ، دىپلوماتىيە يولىغا قايتىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ناتو مۇداپىئەنى مەقسەت قىلغان ئىتتىپاق. بىز رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايمىز. بارلىق ئىتتىپاقداشلارنى قوغداش ۋە مۇداپىئە قىلىش ۋەدىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ بولۇشىنى خالىمايمىز» دېدى.

ناتونىڭ بۈگۈنكى يىغىنىغا، ناتو ئەزاسى بولمىغان شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلمۇ تەكلىپ قىلىندى. مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر