ماكرون ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلىشىپ ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى.
1788426
![ماكرون ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلىشىپ ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6974/7ded/30d5/621f2ffe414c3.jpg?time=1718923311)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ماكروننىڭ ئەلىيېۋغا تېلېفون قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى؛ ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇكرائىنادىكى كىرىزىس ۋە بۇ دۆلەتكە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتىش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ماكرون بىلەن ئەلىيېۋنىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.
رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەنىدى.