چىپراس گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى

ئالېكس چىپراس، ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، تۈركىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىشىكىنى ئوچۇق قويۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1788137
چىپراس گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى، ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەسى — رادىكال سولچىلار ئىتتىپاقى «سيرىزا» رەھبىرى ئالېكس چىپراس، ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، تۈركىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىشىكىنى ئوچۇق قويۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چىپراس گىرېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلىپ: «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئۇكرائىنا كىرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇقىمسىزلىق ۋە قايتىدىن سىنىپلاندۇرۇش، ئەگە دېڭىزى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى جىددىيچىلىكنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن بولغان كۈچلۈك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئاكتىپلىق بىلەن تەلەپ قىلىشىمىزنىڭ قوشۇمچە سەۋەبى» دېدى.

چىپراس تۈركىيە بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈش ئىشىكىنىڭ ئوچۇق قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «پاسسىپ دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسى تاللىغانلىقىڭلارنى ئاقلاش ئۈچۈن، ​​تۈركىيەنىڭ ئاتالمىش يالغۇزلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خام خىيالدا چىڭ تۇرۇشۇڭلار خاتا. سىلەر ۋە ھاكىمىيەتنى ياقلىغۇچى تاراتقۇلارنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئۆزگىرىشلەردىن پايدىلىنىپ گىرېتسىيە بىلەن كىرىزىس پەيدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمۇ خاتا» دېدى.

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس بولسا، چىپراسنىڭ تەنقىدىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، تۈركىيە بىلەن سۆھبەتلىشىش ئىشىكىنى تاقىمىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئەنقەرە بىلەن سۆزلىشىشكە ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر