رۇسىيە شىۋىيېتسارىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچۇشىنى چەكلىدى

موسكۋا، رۇسىيە ئايروپىلانلىرىغا چەكلىمە قويغان شىۋېيتسارىيە ئايروپىلانلىرىغا ھاۋا بوشلۇقىنى تاقىدى.

1787584
رۇسىيە شىۋىيېتسارىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچۇشىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت ئورگىنى — Rosaviatsiya بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا قانۇن -  قائىدىسىگە ئاساسەن، شىۋېيتسارىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى رۇسىيە ئايروپىلانلىرى ياكى رۇسىيەدە تىزىمغا ئېلىنغان پۇقرالار ئايروپىلانلىرىغا تاقىۋېتىشىگە ئىنكاس قايتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: « شىۋېيتسارىيە ئايروپىلانلىرى ياكى شىۋېيتسارىيەدە تىزىمغا ئېلىنغان يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىغا رۇسىيە ھاۋا بوشلۇقىنى تاقاش قارار قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

رۇسىيە تۈنۈگۈندىن باشلاپ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رۇس ئايروپىلانلىرىغا ھاۋا بوشلۇقىنى تاقىۋېتىشىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، گېرمانىيە ۋە فرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 36 دۆلەتنىڭ ئايروپىلانلىرىغا ھاۋا بوشلۇقىنى تاقىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر