خامەنېي ئۇكرائىنانىڭ ئامېرىكانىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ئىران دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېي، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئامېرىكانىڭ كىرىزىس پەيدا قىلغۇچى سىياسىتىنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1787886
خامەنېي ئۇكرائىنانىڭ ئامېرىكانىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خامەنېي ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى بىۋاسىتە تارقاتقان سۆزى ئەسناسىدا ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ھەققىدىمۇ توختالدى؛ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى «مافىيە (قارا گۇرۇھ) تۈزۈمى) دەپ ئاتىغان خامەنېي: «بۇ مافىيە تۈزۈمى دۇنيانىڭ كىرىزىسقا دۇچ كېلىشىگە موھتاج. شۇڭلاشقا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كرىزىس پەيدا قىلىدۇ. ئۇكرائىنا ئامېرىكانىڭ كرىزىس پەيدا قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى. بىز ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى تەرەپدارىمىز. ئەمما، ھەر قانداق كىرىزىسنىڭ داۋاسى ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ئېنىقلاشتىن باشلىنىدۇ. ئۇكرائىنادىكى كىرىزىسنىڭ يىلتىزى ئامېرىكا» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھۇجۇملىرى ھەقىدە توختىلىپ: «بىز كىشىلەرنىڭ قەتل قىلىنىشى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنى قوللىمايمىز، بۇ بىزنىڭ قەتئىي باياناتىمىزدۇر... ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا ئىشەنگەن ھۆكۈمەتلەر بۇ قوللاشنىڭ بىر ئالۋۇن ئىكەنلىكىنى، ھەقىقەت ئەمەسلىكىنى بىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر