ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە رۇسىيەدىكى پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە رۇسىيەدىكى پۇقرالىرىنى موسكۋانى تەرك ئېتىشى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

1786751
ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە رۇسىيەدىكى پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كۆپلىگەن ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە قارىتا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى بىكار قىلىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ساھەلىرىنى رۇسىيەنىڭ ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىگە تاقاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ دۆلەتتكى پۇقرالىرىنى رۇسىيەنى تەرك ئېتىشى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «كۆپلىگەن ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى رۇسىيەگە قارىتا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى بىكار قىلماقتا، نۇرغۇن دۆلەتلەر ھاۋا ساھەلىرىنى رۇسىيەنىڭ ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىگە تاقىماقتا. شۇڭا، ئامېرىكا پۇقرالىرى تېخى ئاكتىپ ھالەتتىكى سودا – ساياھەت يوللىرىدىن پايدىلىنىپ، دەرھال رۇسىيەدىن ئايرىلىشى كېرەك.»

باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن، رۇسىيەگە قارىتا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنى «4 – دەرىجە: ساياھەت قىلماڭ» سەۋىيەسىگە يەتكۈزگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ، پۇقرالىرىنى رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيەدىن ئايرىلىشى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى، ھەمدە بېلارۇسىيەگە ساياھەتكە بارماسلىقىنى تەۋسىيە قىلدى.

مىنىستىرلىق، ئۇكرائىنا بىلەن بېلارۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي سۈركىلىشلەر ۋە بېلارۇسىيە ھاۋا ساھەسىنىڭ تاقىۋېتىلىشى سەۋەبىدىن، بېلارۇسىيەدىكى فىرانسىيە پۇقرالىرىنى لىتۋانىيە، پولشا ياكى لاتۋىيە چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق دەرھال دۆلەتتىن ئايرىلىشقا چاقىردى.

رۇسىيە قىسىملىرى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر