كرېمىل غەربنىڭ ئېمبارگولىرىغا جاۋاب بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ رۇسىيەنىڭ غەربنىڭ ئېمبارگولىرىغا قارشى دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھالدا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى پېسكوۋ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرىغا قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
ئۇ: «غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرىغا بېرىلىدىغان جاۋابلار، دۆلەت مەنپەئەتىمىزنى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇن ھالدا جاۋاب بېرىلىدۇ» دېدى.
ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۆزىگە قارشى يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارغا پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ پۇتىننىڭ بۈگۈن (2022-يىلى 28-فېۋرال) رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى مۇھاكىمە قىلنىدىغان بىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ پۇتىننىڭ چەت ئەلدە مال-مۈلكىنىڭ يوقلۇقىنى، ئېمبارگولاردا بەزى مال-مۈلۈكلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇن بولمىغان ماددىلارنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ پۇتىننىڭ ھەر يىلى مال-مۈلكىنى ئېلان قىلدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا مال-مۈلكىنىڭ يوقلۇقىنى ھەممە كىشىنىڭ بىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.