زېلېنسكىي پۇتىنغا مۇزاكىرەنى تەكلىپ قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىنغا خىتاب قىلىپ: «ئۆلۈملەرنى توختىتىش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۈستىلىدە ئولتۇرايلى» دېدى.

1785511
زېلېنسكىي پۇتىنغا مۇزاكىرەنى تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي تېلېگرامدا سىنلىق نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇ: «ئۇكرائىنانىڭ ھەر بىر يېرىدە ئېتىشىشلار داۋاملىشىۋاتىدۇ. رۇسىيە پىرېزىدېنتىغا يەنە بىر قېتىم شۇنى دېمەكچىمەن: كېلىڭ، ئۆلۈملەرنى توختىتىش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۈستىلىدە ئولتۇرايلى» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشىنىڭ، پەقەت ئىشغال بولۇپلا قالماي، بەلكى ياۋروپاغا قارشى ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە تۈنۈگۈن (24-فېۋرال) ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر