ئۇكرائىنادىكى ئۆلۈم-يېتىم ۋە بۈگۈنكى ئەھۋال

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ دۆلىتىگە قارشى باشلىغان ھۇجۇمىنىڭ تۇنجى كۈنىدە 137 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1785239
ئۇكرائىنادىكى ئۆلۈم-يېتىم ۋە بۈگۈنكى ئەھۋال

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي فەيسبۇكتا بايانات ئېلان قىلىپ: «دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 137 قەھرىمانىمىزدىن، پۇقرامىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. بۇلار ئەسكەر ۋە پۇقرا» دېدى.

ئۇكرائىنا سەھىيە مىنستىرى ئولېخ لياشكو (Oleh Lyashko) ئىلگىرىكى باياناتلىرىدا، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىدا 57 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 169 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ ئۆلۈملەرنىڭ تۆتىنىڭ رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ دونېتسكتىكى بىر دوختۇرخانىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ كونتروللۇقىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مىخايىل پودولياك (Mihayl Podolyak): «شىددەتلىك ئۇرۇشتىن كېيىن، چېرنوبىلنىڭ كونتروللۇقى رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى» دېدى.

ئۇ يەنە، بۇنىڭ ياۋروپا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ پايتەخت كىيېۋدىكى خوستومېل ئايرودۇرۇمىنىڭ كونتروللۇقىنىمۇ قولدىن بېرىپ قويغانلىقلىرىنى، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ ئايرودۇرۇمنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دىپلوماتىيەلىك مەنبەلەر ئۇكرائىنانىڭ پورت شەھىرى مارىيۇپولنىڭ شىددەتلىك بومباردىمان ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ۋە يۈزلەرچە پارتلاشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ۋالېرىي زالۇجنىي (Valeriy Zalujnıy ) بىرىنچى كۈنىدىكى ھۇجۇمدا، رۇسىيەنىڭ 30 دىن ئارتۇق تانكاسى، تەخمىنەن 130 ھەربىي ئاپتوموبىلى، يەتتە ئايروپىلانى ۋە ئالتە تىك ئۇچارىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) نىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى رۇسىيەنىڭ تۈنۈگۈن (2022-يىلى 24-فېۋرال) ئۇكرائىناغا 160 تىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى ۋە شىمالدىن ئۇكرائىناغا كىرگەن رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ كىيېۋغا يېقىنلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پاراشوت قىسىملىرى ۋە زەربە بېرىش قىسىملىرىنىڭ قىرىمدىن خېرسونغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا، ئۇكرائىنا ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر-ئالاقە مەركىزى كىيېۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەرلەردە، شۇ يەر ۋاقتى 22:00 دىن 06:00 گىچە سىرتقا چىقىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ ۋاقىتلاردا ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرى توختىتىلدى، ئەمما مېترو بېكەتلىرى خەلقنىڭ پاناھلىنىشى ئۈچۈن ئوچۇق قويۇلدى.

بۈگۈن (25-فېۋرال) پايتەخت كىيېۋدە سەھەردە ئارقا-ئارقىدىن پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. كىيېۋدە بىر ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ۋە ئايروپىلاننىڭ بىر بىنانىڭ ئۈستىگە چۈشكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۈگۈن كىيېۋغا كىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلايدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.

مەسئۇل دائىرىلەر: «تانكالار بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ، شەھەرنى قوغداشقا تەييارمىز» دېدى.

رۇسىيە تۈنۈگۈن (2022-يىلى 24فېۋرال) ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر