ئۇكرائىنا رۇسىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئېمبارگو يۈزگۈزىدىغان بولدى

ئۇكرائىنا پارلامېنتى رۇسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 351 كىشىگە ئېمبارگو يۈزگۈزۈش قارارىنى تەستىقلىدى.

1783740
ئۇكرائىنا رۇسىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئېمبارگو يۈزگۈزىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا يۈرەۈزمەكچى بولغان ئېمبارگو قارارىنىڭ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان رايونلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان رۇسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەكىلدە 351 كىشىگە قارىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئېمبارگو رامكىسىدا، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئۇكرائىناغا كىرىشى قاتارلىق بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر