ناتونىڭ سۇ ئاستى مۇداپىئە مانېۋىرى باشلاندى

ناتونىڭ سۇ ئاستى مۇداپىئە ئۇرۇشىغا تەقلىد قىلىنغان «2022-دىنامىك مانتا» مانېۋىرى ئىتالىيەنىڭ سىجىليا ئارىلى دېڭىز تەۋلىكىدە باشلاندى.

1782780
ناتونىڭ سۇ ئاستى مۇداپىئە مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو قوماندانلىق ئىشتابى «2022-دىنامىك مانتا» سۇ ئاستى مانېۋىرىنىڭ باشلانغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

 باياناتتا: «2022-دىنامىك» مانېۋىرىنىڭ، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى، سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ۋە ئايروپىلانلىرىنىڭ، سۇ ئاستى مۇداپىئەسى ۋە سۇ ئۈستى ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىش رامكىسىدا، ئاقدېڭىزدا توپلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مەزكۇر مانېۋىرنىڭ، ناتونىڭ ھەر يىلى پىلانلىق ھالدا ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىككى چوڭ سۇ ئاستى ھەربىي مانېۋىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

مانېۋىرغا ساھىبخانلىق قىلىدىغان ئىتالىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ يازما باياناتىدا، مانېۋىرنىڭ ناتونىڭ سۇ ئاستى مۇداپىئە ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تاكتىكلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ئىلگىرىكى يىللاردا «Dog Fish»، «Proud Manta» دەپ ئاتالغان مانېۋىرنىڭ ھەر يىلى پىلان بويىچە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى مەۋجۇت ئەھۋالغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا، ت ج گ-گۆكسۇ (F-497) پاراخوتىنى قاتناشتۇرىدۇ.

مانېۋىر 4-مارتقىچە (2022) داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر