بىرازىلىيەدىكى تەبىئىي ئاپەتلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 136 گە يەتتى

بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرو ئۆلكىسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 136 گە يەتتى.

1781419
بىرازىلىيەدىكى تەبىئىي ئاپەتلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 136 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، رىئودې ژانېيرونىڭ تاغلىق رايونى پېتروپولىس شەھىرىدىكى كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 136 گە كۆپەيگەن، 213 ئادەم يوقاپ كەتكەن، 967 كىشى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

رىئودې ژانېيرو ئۆلكىلىك خەلق مۇداپىئەسى ئىشلىرى مىنىستىرى لېئاندرو مونتېيرو، رايوننىڭ ئۆزگىرىشچان ھاۋارايىنىڭ تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن جايلاردا قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

رايوندا ھەپتە ئاخىرىدا شىددەتلىك ھۆل – يېغىن مەيدانغا كېلىدىغانلىقى جاكارلانغان ۋە  خەتەرلىك رايونلاردىكى ئاممىنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا كېتىشى تەلەپ قىلىنغانىدى.

2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى رىئودې ژانېيرونىڭ تاغلىق شەھىرى پېتروپولىستا قاتتىق يامغۇر ياغقاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان كۆرۈنۈشلەر، شەھەرنىڭ ئېگىز جايلىرىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، كوچا، باغچە، تاللا بازارلىرىنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقى، سۇنىڭ ماشىنا ۋە ئاپتوبۇسلارنى ئېقىتىپ كەتكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەرگەنىدى.

ئۆلكە باشلىقى كلاۋدىئو كاسترو، رايوننىڭ بۇ قېتىم 1932 - يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق يامغۇرغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر