ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا، رۇسىيەنىڭ قايمۇقتۇرۇش تاكتىلىرى ياكى ئويدۇرما باھانىلەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1780060
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا رۇسىيە-ئۇكرائىنا جىددىيچىلىكى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ، رۇسىيەنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ قايمۇقتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە ئويدۇرما باھانىلەرنى بازارغا سالغانلىقىنى كۆرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قايمۇقتۇرۇش ھەرىكەتلىرى ياكى باھانە -سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. بىز رۇسىيەنىڭ ھەر ئان ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئېھتىمالى بولغان بىر جەريان ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە كوللېكتىپ قەبرىستانلىق بايقىغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقانلىقى ئېيتقان جېن پساكى، بۇنىڭمۇ تاجاۋۇزچىلىقنىڭ يولىنى ئېچىش ئۈچۈن  ئىشلىتىلىدىغان توقۇلما خەۋەر بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە يەنىلا دىپلوماتىيە ئىشىكىنى ئوچۇق قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن پساكى، بۇ مەسىلىدە نۇرغۇن يوللار ئارقىلىق دىپلوماتىك ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا باياناتچىسى پساكى، رۇسىيەنىڭ لۇخانىسكىنى «مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت» دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئىشارەت قىلىپ،  ئەگەر بۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىدىغان بولسا، بارلىق تاللاشلارنىڭ ئۈستەل ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن ، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى موسكۋانىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىن «ئەسكەر چېكىندۈردۇق» دېگەن باياناتىنى رەت قىلدى.

ئامېرىكانىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، رۇسىيەنىڭ بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى ئۇكرائىنا چېگراسىدىن چېكىندۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە، موسكۋانىڭ يېقىن بىر قانچە كۈن ئىچىدە چېگراغا 7000 زاپاس ئەسكەر چېگراغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر