ئامېرىكا پولشاغا يادرو رېئاكتورى قۇرۇپ بېرىدىغان بولدى
پولشا ئامېرىكا بىلەن تۇنجى يادرو رېئاكتورى قۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاكېك ساسىن پولشانىڭ كان ماگناتى <KGHM Polska Miedź S.A> شىركىتى بىلەن ئامېرىكا يادرو شىركىتى <NuScale Power> ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
جاكېك ساسىن كېلىشىمگە قارىتا: «پولشانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش، دۆلىتىمىزدە يادرو ئېنېرگىيەگە قاراپ تاشلانغان باشقا بىر قەدەم» دەپ باھا بەردى.
جاكېك ساسىن: «پولشا ئېنېرگىيە باشقۇچىدا زور قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. شۇڭلاشقا پولشا سىجىل يېقىلغۇلارنى قوللاش پىلانىدا يادرو ئېنېرگىيەنى تاللىدى» دېدى.
ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان <KGHM> شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارسىن چلۇدزىسكىي بۇ كېلىشىمنىڭ ئەڭ بالدۇر بولغاندا، 2029-يىلى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ۋە %100 كاربونسىز ئېنېرگىيە پىلانىنىڭ باشلىنىشىغا رەھبەرلىك قىلغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئېلېكتر ئىشلەپچىقىرىىشىنىڭ تەخمىنەن %70 ى كۆمۈردىن ھاسىل قىلىنىدىغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بويىچە كۆمۈرگە تايىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ھېسابلىنىدىغان پولشانىڭ كاربون قويۇپ بېرىش تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن توك باھاسىنىڭمۇ ئۆسۈپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.