ياۋروپادا قوراللىق توقۇنۇش خەۋپى بار

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئىچىدە ۋە ئەتراپىدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۆپەيتكەنلىكىنى، ياۋروپادا يېڭى قوراللىق توقۇنۇش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1777234
ياۋروپادا قوراللىق توقۇنۇش خەۋپى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ رۇمېنىيە زىيارىتىدە پىرېزىدېنت كلاۋۇس ئىيوخاننىس (Klaus Iohannis) بىلەن كۆرۈشتى ۋە بىرلىكتە مىخائىل كوگالنىچانو (MihailKogalniceanu) ھەربىي بازىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلش ياكى توقۇنۇش خەۋپىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا: «ھازىر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئىچىدە ۋە ئەتراپىدا داۋاملىق ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ سەۋەبتىن، ياۋروپادا يېڭى قوراللىق توقۇنۇش مەسىلىسىدە ھەقىقىي خەۋپ بار» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ رايوندا ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇشتىن بۇرۇن ئاگاھلاندۇرۇش مۇساپىسىنىڭ ئازايغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەزىيەتنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى تولۇق ئىشغال قىلىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئۇكرائىنا ئىچىدە نۇرغۇن رۇسىيە ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ بارلىقىنى، رۇسىيەنىڭ ئىلگىرىمۇ ئۇكرائىناغا نىسبەتەن ئۇرۇشقاق پوزىتسىيەدە بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بارلىق كۈچلەرنىڭ تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، يېقىنقى ئايلاردا ناتونىڭ شەرقىي قانىتىنى كۈچلەندۈرگەنلىكلىرىنى ۋە تېخىمۇ كۆپ كۈچلەندۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ياۋروپانىڭ شەرقىي قانىتى ۋە شەرقىي جەنۇبىدىكى ناتو مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك پىلان قىلىنغان ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ 16-17-فېۋرال (2022) بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر