رۇسىيە-بېلارۇسىيە مانېۋىرى باشلاندى

رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ «2022-ئىتتىپاقداشلىق ئىرادىسى» ھەربىي مانېۋىرى، بېلارۇسىيە تەۋەلىكىدە باشلاندى.

1776428
رۇسىيە-بېلارۇسىيە مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بېلارۇسىيە بىلەن «2022-ئىتتىپاقداشلىق ئىرادىسى» مانېۋىرىنى باشلىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بېلارۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بەزى قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي فىرونتىغا قاراشلىق قىسىملارنىڭ مانېۋىرغا قاتناشقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئىككى دانە «S-400» ۋە «Pantsir-S» ھاۋا قالقان مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن 12 دانە «Su-35» ئايروپىلانىنىڭ مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلغانلىقى ۋە بېلارۇسىيەنىڭ توققۇز ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، مانېۋىرنىڭ «سىرتتىن كېلىدىغان ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»، «چېگرا قوغداش» ۋە «دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش» مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ۋە بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى لۇكاشېنكونىڭ 2021-يىلى دېكابىردا تۈزگەن كېلىشىم بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىر، 2022-يىلى 20-فېۋرالغىچە داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر