Pfizer شىركىتى بۇ يىللىق كىرىمىنىڭ 54 مىليارد دوللارغا يېتىشىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دورا شىركىتى — Pfizer كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى ۋە دورىسىدىن بۇ يىل 54 مىليارد دوللار كىرىم قىلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
1775944
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دورا شىركىتى — Pfizer، 2021 – يىلىنىڭ تۆتىنچى چارىكىگە مۇناسىۋەتلىك كىرىم – چىقىم كۆرسەتكۈچ جەدۋىلىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى؛ باياناتتا، شىركەتنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىكى كىرىمىنىڭ 2020 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %105 ئېشىپ، 23 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.