بورىس جونسون ۋىلادىمىر پۇتىننى ئاگاھلاندۇردى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى.

1774170
بورىس جونسون ۋىلادىمىر پۇتىننى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىك ئىشخانىسىنىڭ 10-نومۇرلۇق باياناتىغا ئاساسلانغاندا، جونسون پۇتىن بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن.

جونسون سۆھبەتتە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى «دۈشمەنلەرچە پائالىيەتلىرى» دىن چوڭقۇر ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باش ۋەزىر بورىس جونسون شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئوچۇق ئىشىك سىياسىتىگە بىنائەن ياۋروپادىكى بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ ھوقۇق ئۇكرائىناغا نىسبەتەنمۇ كۈچكە ئىگە» دېگەننى ئەسكەرتكەن. جونسون شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر مۇداپىئە ئىتتىپاقى ئىكەنلىكىنىمۇ قايتا تەكىتلىگەن.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى كرېمىلنىڭ سۆھبەتكە ئالاقىدار باياناتىدا بولسا، «ئۇكرائىنادىكى كرىزىس ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك شۇنداقلا قانۇنغا ئۇيغۇن كاپالەت بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە، ناھايىتى تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇرۇلدى» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر